كىيېۋ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 70250 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا جەڭ ئېلان قىلغاندىن بۇيان 70 مىڭ 250 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، يېقىنقى بىر كۈنىدە 550 ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
![كىيېۋ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 70250 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a5a4/f2d4/737d/635ce1b58467d.jpg?time=1719174616)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش جەريانىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 273 ئايروپىلان، 252 تىك ئۇچار، 2659 تانكا، 5401 بىرونېۋىك، 1708 زەمبىرەك، 380 راكېتامىيوت ۋە 195 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا، رۇسلارنىڭ 4107 ئاپتومبىل، 16 پاراخوت ۋە يېنىك تىپىق تېز سۈرئەتلىك كېمىسى بىلەن 1406 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسى قويۇپ بەرگەن 351 دانە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، 21-سېنتەبىر ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا 5937 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719174616)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.