ئىراقتا 2 مىليارد 500 مىليون دوللار ئوغرىلىغان گۇماندار نازارەتكە ئېلىندى

ئىراقتا باش باج ئىدارىسىنىڭ دۆلەت بانكىسىدىكى 2 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ئامانەت پۇلىنى ئوغرىلاش دېلوسىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشتە بىر جىنايەت گۇماندارى چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقان پەيتتە قولغا چۈشتى.

1898232
ئىراقتا 2 مىليارد 500 مىليون دوللار ئوغرىلىغان گۇماندار نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «INA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت بانكىسىدىن 2 مىليارد 500 مىليون دوللار ئوغرىلاش دېلوسىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشتە، سوت مەھكىمىسى 3 كىشى ھەققىدە قولغا ئېلىش ۋە چېگرادىن چىقىشنى چەكلەش قارارى چىقاردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمان غانىمىمۇ گۇماندارلاردىن نۇر زۇھەيىر جاسىمنىڭ بىر خۇسۇسىي ئايروپىلان بىلەن چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقان پەيتتە ئايرودورومغا تەيىنلەنگەن ئالاھىدە قىسىم تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقتا 16 - ئۆكتەبىردە، باش باج ئىدارىسىغا تەۋە 2 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ئامانەت پۇلنىڭ دۆلەت بانكىسىدىن ئوغرىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر