ئىران يېڭى بىر يادرو تەتقىقات رېئاكتورى قۇرۇشنى باشلىدى

ئىران ئىسفاھان ئۆلكىسىدە يېڭىدىن 10 مېگاۋاتلىق بىر يادرو تەتقىقات رېئاكتورى قۇرۇشنى باشلىدى.

1898591
ئىران يېڭى بىر يادرو تەتقىقات رېئاكتورى قۇرۇشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، ئىسفاھاندىكى يادرو تەتقىقات رېئاكتورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى رەئىسى مۇھەممەد ئىسلامى قاتناشقان بىر مۇراسىم بىلەن باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، %20 قويۇقلاشتۇرۇلغان يادرو يېقىلغۇسى ئىشلىتىلىدىغان 10 مېگاۋاتلىق كۆلچەك تىپىدىكى رېئاكتور، يادرو يېقىلغۇسىنى سىناق قىلىش، داۋالاش ۋە سانائەت رادىيوئىزوتوپلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، نېيترون نۇرلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىلىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

خەۋەردە، مەزكۇر يادرو تەتقىقات رېئاكتورىنىڭ ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسفاھان يادرو تېخنىكا مەركىزى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر