ئاقساراي: رۇسىيە ئىرانغا نامايىشچىلارنى باستۇرۇش تەۋسىيەسى سۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن

ئاقساراي، موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ تېھرانغا ئىراندىكى ماھسا ئەمىنى نامايىشلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا تەۋسىيە بېرىۋاتقان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

1898417
ئاقساراي: رۇسىيە ئىرانغا نامايىشچىلارنى باستۇرۇش تەۋسىيەسى سۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پىئېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ نامايىشلارنى باستۇرۇش  ئۇسۇلىدىكى ئوخشاشلىقلار»نى تىلغا ئېلىپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇپ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز موسكۋانىڭ ئىرانغا ئىراندىكى نامايىشلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ <ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرى>دىن پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى.

باياناتچى ژان پىئېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىران بىلەن رۇسىيە قانچە يالغۇزلاشتۇرۇلغانسېرى، شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. بىزنىڭ ئىرانغا دەيدىغانلىرىمىز ئېنىق: ئۆز خەلقىڭلارنى ئۆلتۈرۈشنى ۋە ئۇكرائىنالىقلارنى ئۆلتۈرۈشى ئۈچۈن رۇسىيەگە قورال ئەۋەتىشنى توختىتىڭلار» دېدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە دىرېكتورى جون كىربىي: «بىز رۇسىيەنىڭ نامايىشچىلارنى قاتتىق باستۇرۇشى ئۈچۈن ئىرانغا مەلۇم جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئەپسۇسكى، رۇسىيەنىڭ بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بار» دېدى.

ئۇ يەنە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئالامەت يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر