رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دنىپرو شەھىرىگە قىلغان يېرىم كېچىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1897992
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ دنىپرودىكى ماي قاچىلاش ئورنىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ھامىلدار ئايال بىلەن بىر ماي قاچىلاش ئورنى خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇپ جەمئىي ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ يېقىنقى بىر كۈن ئىچىدە بەش راكىتا، 30 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ۋە 100 دىن ئارتۇق كۆپ سىتىۋوللۇق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۇكرائىنا مىقياسىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئولتۇراق رايونغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، ھۇجۇملارنىڭ دنىپرو، خاركىۋ ۋە خېرسون رايونىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

رۇسىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان رايونلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «دۈشمەن ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋالغان رايونلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە تىرىشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باخمۇت ۋە ئاۋدىيىۋكا تەرەپلىرىگە ھۇجۇم قىلماقتا. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئىۋانخراد، باخمۇت، باخمۇتسكى، سولېدار، كۇرديۇمىۋكا، كراسنوخورىۋكا، نوۋومىخايلىۋكا، نېۋېلسكې ۋە تېرنوۋا قاتارلىق ئاھالىلەر رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلدى« دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر