بىن سەلمان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغان بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ قۇلىقىدىكى سالامەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۇزۇن سەپەر قىلالمايدىغانلىقى، شۇڭا ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1896699
بىن سەلمان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى دىۋانى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ دۆلىتىگە ۋاكالەتەن شاھزادە بىن سەلمانغا ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكى، ئەمما بىن سەلماننىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بىن سەلماننىڭ داۋالاش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇلاقتىكى باروتراما خەۋىپى سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئايروپىلان ساياھىتىدىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «سەپەرنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، بېرىش ۋە قايتىشقا 24 سائەت كېتىدىغانلىقى شاھزادەنىڭ ئالجىرىيەنى زىيارەت قىلىشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈردى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، پادىشاھ سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئالجىرىيەنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

بىن سالمان ئىلگىرىمۇ فىرانسىيە زىيارىتىدىن كېيىن، ئالجىرىيە زىيارىتىنى ئاخىرقى پەيتتە بىكار قىلغان ئىدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى 1 – نويابىردىن 2 - نويابىرغىچە ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر