ئامېرىكادا بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىغا قاراشلىق داللاس شەھىرىدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى قازا قىلدى.

1896383
ئامېرىكادا بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داللاس ساقچىلىرىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شەھەر مەركىزىدىكى دوختۇرخانىغا بېسىپ كىرگەن ھۇجۇمچى 2 نەپەر دوختۇرخانا خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئاندىن دوختۇرخانا ساقچىلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى بىلەن يارىلانغان ھالدا قولغا چۈشكەن.

نېتور ھېرناندېزئىسىملىق، 30 ياشلىق ھۇجۇمچىنىڭ  سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە ئوغرىلىق مەقسىتىدە دوختۇرخانىغا كىرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر