تېببون ئالجىرىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن، دۆلىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسىنى بۇزماقچى بولغانلارنىڭ تور ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1896261
تېببون ئالجىرىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت تېببۇن ئالجىرىيەدە ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى تەبرىكلىنىدىغان دۆلەت ئاخبارات كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاخبارات ساھەسىدىكى شەخس ۋە ئورگانلارغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ئاخبارات كەسپىي ساھەسىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ماھىرلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن ئادا قىلغان بارلىق كىشىلەرنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا: «بىز مۇخبىرلارنىڭ، ئۇلۇس بەرپا قىلىشنىڭ بۇ باسقۇچىدا رايون ۋە خەلقئارادىكى باشلامچى رولىنى ئەسلىگە كەتلۈرگەن ئالجىرىيەگە قارشى يالغان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يامان نىيەتلىك قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىك تور ھۇجۇمىغا قارشى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا سالام بېرىمىز» دېدى.

گەرچە تېببۇن دۆلىتىگە قارشى تور ئۇرۇشى قوزغىغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئالجىرىيەنىڭ «مۇستەقىل تاشقى پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ھۇجۇم نىشان قىلىنغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر