ب د ت: ئاشلىق كارىدورى ئۈمىد چىرىغى ياندۇرماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە مۇرەسسەچىلىك قىلىۋاتقان «ئاشلىق كارىدورى» نىڭ ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1895820
ب د ت: ئاشلىق كارىدورى ئۈمىد چىرىغى ياندۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسى  (UNCTAD) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە،  22-ئىيۇل ئىستانبۇلدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېسنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان «ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى» نىڭ ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇۋاتقانلىقى ۋە كرىزىس مەزگىلىدە سودا كۈچىنى نامايان قىىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ، يەر شارىۋى يېمەك - ئىچمەك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، كېلىشىم سايىسىدا، ئۇكرائىنا پورتلىرىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ھالەتتە داۋاملىشىشقا باشلىغانلىقى، 19 – ئۆكتەبىر كۈنىگە قەدەر، ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن توشۇلغان ئاشلىق مىقدارىنىڭ 8 مىليون توننىغا يەتكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئاشلىق يۆتكەش مىقدارى، ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 40 ۋە% 50 تۆۋەنلىگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ تەشەببۇسنىڭ تۈرتكىسىدە يېمەك - ئىچمەك باھاسى مۇقىملىشىپ، تۆۋەنلەشكە باشلىدى.»

يەرشارىۋى يېمەك - ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توشۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا % 8.6، ئاۋغۇست ئىيۇل % 1.9، سېنتەبىر ئېيىدا % 1.1 تۆۋەنلىگەنلىكى بايان قىلىنغان دوكلاتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ كېلىشىم كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرماقتا، ھەمدە كرىزىس مەزگىلىدە سودا كۈچىنى نامايان قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر