پفىزېر-بىئونتېك ۋە مودېرنا ۋاكسىنىلىرى 6 ئايلىق چوڭ بالىلارغا تەۋسىيە قىلىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدە پفىزېر-بىئونتېك ۋە مودېرنا شىركەتلىرىنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىلىرى 6 ئايلىقتىن چوڭ بالىلارغا تەۋسىيە قىلىندى.

1895479
پفىزېر-بىئونتېك ۋە مودېرنا ۋاكسىنىلىرى 6 ئايلىق چوڭ بالىلارغا تەۋسىيە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى، 6 ئايلىقتىن ئاشقان بالىلارغا «كومېرنېيتى» ۋە «سپىكېۋاكس» ۋاكسىنىلىرىنىڭ ئەملىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ۋاكسىنىلار كوۋىد-19 نىڭ ئەسلى ۋارىيانتىنى نىشان قىلىدىكەن.

پفىزېر-بىئونتېك شىركىتىنىڭ «كومىرنېيتى» ۋاكسىنىسى تۆت ئايلىقتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارغا؛ مودېرنا شىركىتىنىڭ «سپىكېۋاكس» ۋاكسىنىسى بەش ياشقىچە بولغان بالىلارغا تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

دەسلەپكى ئىككى قۇتا دورىنىڭ ئۈچ ھەپتە ئايرىلىق قويۇپ ئەملىنىدىغانلىقى، ئۈچىنچى قۇتىنىڭ بولسا، ئىككىنچى قۇتا دورا ئەملىنىپ ئاز دېگەندە سەككىز ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئەملىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ  ۋاكسىنىلار ۋە دورىلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىقارغان قارارلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر