فىرانسىيە شىركىتى دائېشقا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

فىرانسىيەنىڭ سېمونت ئىشلەپچىقارغۇچى  شىركىتى لافارگې (Lafarge)  تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

1894642
فىرانسىيە شىركىتى دائېشقا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېلو ئامېرىكا مەھكىمىسىدە كۆرۈلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، لافارگې شىركىتىنىڭ نيۇ-يورك برۇكلىندىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە مۇرەسسە يولىنى تاللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«دائېشقا ياردەم بېرىش» جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان لافارگې شىركىتى 777 مىليون 780 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەشكە ماقۇل بولدى.

لافارگې شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «لافارگې ئۇنىڭ قارمىقىدىكى لافارگې سۈرىيە  شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خۇسۇسىي ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن جاۋابكارلىقنى قوبۇل قىلدى. بۇ ھەرىكەتلەر لافارگېنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىقدۇر. بىز بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانماقتىمىز» دېيىلدى.

فىرانسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 2021 - يىلى 7 - سېنتەبىردە، لافارگېنىڭ سۈرىيىدە دائېش تېررورچىلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە قاتنىشىش» بىلەن ئەيىبلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى.

پارىژ ئەرز - سوت مەھكىمىسىمۇ 18 - مايدا فىرانسىيەنىڭ سېمونت ماگناتىغا قارىتا بۇ ئەيىبلەش ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاشنى تەستىقلىغان ئىدى.

تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت دۇنيا قانىلى  2021- يىلى نويابىردا نەشر قىلىنغان «زاۋۇت» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىدە، فىرانسىيە دۆلىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان لافارگې شىركىتىنىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن دائېشقا 10 مىليونلارچە دوللار بەرگەنلىكىنى ھۆججەتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر