ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى

بىر قىسىم ياپون پارلامېنت ئەزالىرى پايتەخت توكيودىكى «قەدىمكى ياپون مىلىتارىزمىنىڭ سىمۋولى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان تالاش-تارتىشلىق ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى.

1894344
ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاساسلىقى ياپونىيە ئۆكتىچىلەر سېپىدىكى 100 دەك پارلامېنت ئەزاسى كۈز پەسلى بايرىمى دائىرىسىدە پايتەخت توكيونىڭ كۇدانكىتا رايونىدىكى ياسۇكۇنى بۇتخانىغا باردى؛ گۇرۇپپا باشلىقى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئايساۋا ئىچىرو زىيارەت ئارقىلىق «تىنچلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى قەلبلەرگە يەتكۈزۈشنى كۆزلىگەنلىكلىرى»نى ئېيتتى.

ئايساۋا، باش مىنىستىر كىشىدا فۇمىئونىڭ بۇتخانىغا گۈلچەمبىرەك ئەۋەتىشىگە ئىزاھات بېرىپ، ئۇنىڭ بۇ گۈلچەمبىرەكنى «ئۇرۇشنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى» تىلىكى بىلەن ئەۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ كونا ياپون مىلىتارىزمنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئىبادەتخانىغا قىلغان زىيارەت ۋە ئىئانىلىرى بەزىدە خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1869-يىلى سېلىنغان ياسۇكۇنى بۇتخانىسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان 2 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ خاتىرىسىنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن سېلىنغان، دەپ قارىلىدۇ.

ياسۇكۇنى بۇتخانىسىنىڭ سالاھىيىتى 1978 – يىلى 14 «ئۇرۇش جىنايەتچىسى»نىڭ «مۇقەددەس كىشىلەر» دەپ قوبۇل قىلىنىشىدىن بۇيان تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر