گولدبېرگ شىمالىي كورېيەنى قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى توختىتىپ، يادرو سىنىقى قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىلىپ گولدبېرگ، شىمالىي كورېيەنى بارلىق ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى توختىتىش ۋە يادرو سىنىقى قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

1894310
گولدبېرگ شىمالىي كورېيەنى قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى توختىتىپ، يادرو سىنىقى قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، باش ئەلچى گولدبېرگنىڭ، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بارلىق ئىشلارنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىنىقى قىلىشىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما سىناقنىڭ كونكرېت ۋاقتىنىڭ قاچان ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىيەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گولدبېرگ: «بۇ نۇقتىدا، بۇنداق بىر قەدەمنىڭ رايوندىكى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدىغان تەھدىت، قۇتراتقۇلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكلەرنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە سەككىز قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن شىمالىي كورېيەنىڭ 4 – ئۆكتەبىردە قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، 2017-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىن ئۆتۈپ، تىنچ ئوكيانغا چۈشكەنىدى.

پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى، 2022 – يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوخشىمىغان مۇساپىلەرگە يېتىپ بارىدىغان 20 دىن ئارتۇق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر