ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا
ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق قاچىلانغان يەنە 5 پاراخوت يولغا چىقتى.
1893853
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتى دائىرىسىدە، بۈگۈن ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق قاچىلانغان يەنە 5 پاراخوت يولغا چىقتى.»
قارادېڭىزدىن بىخەتەر ئاشلىق يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 22 – ئىيۇل كۈنى، ئىستانبۇلغا جايلاشقان «دولماباھچە سارىيى» دىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېسنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە بىلەن «ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.