ئىراندا تۈرمىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا  قازا قىلغانلارنىڭ سانى8 گە يەتتى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ئەۋىن تۈرمىسىدە ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يارىدار بولغان يەنە 4 مەھبۇسنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن جەمئىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 8 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1893759
ئىراندا تۈرمىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا  قازا قىلغانلارنىڭ سانى8 گە يەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن نام چىقارغان ئەۋىن تۈرمىسىدە، 15 - ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ھەققىدە ئىران ئەدلىيە ھوقۇقى ئۇچۇر ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ئادەتتىكى جىنايەتچىلەر جايلاشقان بۆلەكتىكى ۋەقەلەردە يارىلانغان 10 مەھبۇستىن يەنە 4 نەپىرى قازا قىلدى. يارىلانغان 6 مەھبۇسنى داۋالاش داۋاملاشماقتا. تۈرمىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 8 گە يەتتى» دېيىلدى.

ئىران ئەدلىيە ھوقۇقى ئۇچۇر ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئادەتتىكى جىنايەتچىلەر جايلاشقان بۆلەكتىكى مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش جەريانىدا، تۈرمىنىڭ تىككۈچىلىك سېخىغا ئوت كېتىپ،  ئوت ئاپىتىىدە 4 مەھبۇسنىڭ ئىس-تۈتەك بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە 10 مەھبۇستىن  4 نەپىرىنىىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن سۈرەت ۋە سىنلاردا ئەۋىن تۈرمىسىگە ئوت كەتكەنلىكى كۆرۈلگەن، قورال ۋە پارتىلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر