نىگېرىيەدىكى كەلكۈندە 603 كىشى قازا قىلدى

نىگېرىيەدىكى كەلكۈندە 600 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلىپ، 82 مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1893571
نىگېرىيەدىكى كەلكۈندە 603 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى سادىيە ئۆمەر فارۇق بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «2022 - يىلى 16 - ئۆتەبىرگە قەدەر ئەپسۇسكى 603 كىشى قازا قىلدى» دېدى.

ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كەلكۈندە 1 مىليون 300 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان، 82 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، 110 مىڭ گېكتار دېھقانچىلىق يېرى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

ئىلگىرى كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 500 دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بەزى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەييارلىقسىزلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

نىگېرىيەدە 2012 - يىلى يۈز بەرگەن كەلكۈندىمۇ 363 كىشى قازا قىلىپ، 2 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر