خىتاي ئالەم بوشلۇقىغا يىراقتىن بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى

خىتاي ئالەم بوشلۇقىغا يىراقتىن بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە «ياۋگان» تىپلىق يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى.

1893337
خىتاي ئالەم بوشلۇقىغا يىراقتىن بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ياۋگان -36» تىپلىق ئۈچ سۈنئىي ھەمراھ «ئۇزۇن سەپەر د 2» راكېتاسى بىلەن سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەن. سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن پىلانلانغان ئوربىتا ئورۇنلاشقان.

بۇ قېتىمقىسى «ئۇزۇن سەپەر» راكېتالىرى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن 444 – ۋەزىپە بولغان.

خىتاينىڭ «Yaogan-36» سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ تۇنجى تۈركۈمى 26-سېنتەبىردە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر