2 كىشى رۇسىيەنىڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەيدانىدىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېلگورود رايونىدىكى ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەيدانىدىغا قىلىنغان «تېرورلۇق ھۇجۇمى» دا 11 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1893296
2 كىشى رۇسىيەنىڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەيدانىدىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بېلگورود رايونىدىكى ھەربىي تەلىم - تەربىيە مەيدانىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى پۇقراسى 2 كىشىنىڭ قوراللىق تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

ھۇجۇمدا 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا ھۇجۇمنى قىلغۇچى 2 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #ھۇجۇم , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر