ناتو ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بېرىشنى قارار قىلدى

ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم قىلىش، قورال-ياراغ ئىشكىلاتلىرىنى توشقۇزۇش ۋە مۇھىم ئۇل-ئەسلىھەلەرنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان يىغىن، ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

1892289
ناتو ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلدى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دۆلەت قاتناشقان ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىدىن چىققان ئۇكرائىناغا «تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بېرىش» دېگەن قارارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىن چىقىرىلغان ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى قانۇنسىز قوشۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن قارارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارى توغرىسىدىكى سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۇكرائىنانى بولغان قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، ناتودىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ قوللاشنى ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بۈگۈنكى (13-ئۆكتەبىر) ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىنىدا، ناتونىڭ يادرو پىلانلاش گۇرۇپپىسى بىر يەرگە جەم بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى مىنىستىرلار يىغىنىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر