ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

ئۇكرائىنادىن ئاشلىق قاچىلانغان يەنە 8 پاراخوت يولغا چىقتى.

1891406
ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتى دائىرىسىدە، بۈگۈن ئاشلىق قاچىلانغان يەنە 8 پاراخوت ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يولغا چىقتى.»

قارادېڭىزدىن بىخەتەر ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، 22 – ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «دولماباھچە سارىيى» دىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېسنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە بىلەن «ئاشلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر