سىنىرلىئوغلۇ: تۈركىيە رۇسىيەنى ئەيىبلىگۈچى دۆلەتلەردىن بىرى بولىدۇ

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنى ئەيىبلىگۈچى دۆلەتلەردىن بىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1891235
سىنىرلىئوغلۇ: تۈركىيە رۇسىيەنى ئەيىبلىگۈچى دۆلەتلەردىن بىرى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىنىرلىئوغلۇ ، تۈركىيەنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز رېفېراندۇملىرى ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىش قارارى» نى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى دۆلەتلەردىن بىرى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى، رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى ھەپتە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز رېفېراندۇملىرى ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىش قارارىنى ئەيىبلەيدىغان قارارنى ۋېتو قىىلىشىدىن كېيىن، مەخسۇس يىغىن چاقىردى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قايتىدىن جىددىي يىغىن چاقىرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيا ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىۋاتقاندا، بىز بۈگۈن  (تۈنۈگۈن) ئەتىگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەرلەر بىلەن ئويغاندۇق. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ خەۋەرلەر ئالدىدا، بىز ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز.»

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ دونېتسىك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىجيادىكى قانۇنسىز رېفېراندۇملىرىنىمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سىنىرلىئوغلۇ،  بۇ قەدەمنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىش قارارى تىنچلىق ئۈمىدلىرىنى تېخىمۇ كۆپ خەتەرگە ئىتتىرىدۇ، بىز رۇسىيەنى بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىپ، دىپلوماتىيەگە قايتىشقا چاقىرىمىز.»

ھەممە تەرەپنىڭ  تۈزۈمگە ئاساسلىنىدىغان خەلقئارالىق تەرتىپكە موھتاجلىقىنى، كرىزىسلارنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە  ھەممە تەرەپنىڭ ب د ت ئەھدىنامىسىدىكى پىرىنسىپلارنى قوغداشتەك ئورتاق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان سىنىرلىئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بۇ ھەپتە ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇلىدىغان <رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز رېفېراندۇملىرى ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىش قارارى> نى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى دۆلەتلەردىن بىرى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر