فىرانسىيەدە يېقىلغۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن ماي ​ پونكىتىلىرى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندى

فىرانسىيەنىڭ گۇسسايىنۋىللە شەھىرىدە ماي ​​قاچىلاش پونكىتى ئالدىدا يېقىلغۇ سېتىۋالماقچى بولغانلار ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندۇردى.

1891214
فىرانسىيەدە يېقىلغۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن ماي ​ پونكىتىلىرى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ تەخمىنەن %30 ىدە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە، گۇسسايىنۋىللە شەھىرىدىمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندى.

ماي قاچىلاش پونكىتى خادىملىرى، تۈنۈگۈن شەھەردىكى بارلىق ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 15.00 دە ماي ​​قاچىلاش پونكىتىغا يېقىلغۇ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

خادىملار ساقچىلارنىڭ بىرەر ئاشقۇنلۇق بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاتناشنى رەتكە سالغانلىقىنى، خېرىدارلار ئارىسىدا يېقىلغۇ سېتىۋېلىش جەريانىدا تالاش-تارتىش ۋە جېدەللەرنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خېرىدارلارنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىدىن يېقىلغۇ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.5 سائەت ساقلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر