زېلېنسكىي: رۇسىيە بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي پايتەخت ۋە باشقا شەھەرلەردە يۈز بەرگەن پارتلاشلاردىن كېيىن تۇنجى باياناتىنى ئېلان قىلدى.

1890600
زېلېنسكىي: رۇسىيە بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي پايتەخت ۋە باشقا شەھەرلەردە يۈز بەرگەن پارتلاشلاردىن كېيىن تۇنجى باياناتىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا: «ئۇرۇشنىڭ 229-كۈنىدە بىزنى يوقىتىشقا، يەر يۈزىدىن يوقىتىشقا تىرىشماقتا. زاپورىژيادا ئۆيلىرىدە ئۇخلاۋاتقانلارنى، كىيېۋدە ئىشقا ماڭغانلارنى ئۆلتۈردى. ناھايىتى ئەپسۇسكى جېنىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلار بار. پاناھلىنىۋاتقان جايلاردىن چىقماسلىقىڭلارنى سورايمەن» دېدى.

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو تېلېگرامما ئادرېسىدا: «تەھدىت سېلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ. پايتەختنىڭ بارلىق پۇقرالىرى پاناھلىنىش جايلىرىدىن چىقماسلىقى كېرەك. خەۋپسىزلىك تارماقلىرى كىيېۋنىڭ مەركىزى كوچىلىرىنى قاتناشقا توختاتتى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ىىزمەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرى بۈگۈن ئەتىگەندە (10-ئۆكتەبىر) كىيېۋ، لۋىۋ ۋە دنىپرو شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر