ياپونىيەمۇ رۇسىيەگە ئېمبارگو دائىرىسىنى كېڭەيتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ خېرسون، زاپورىژيا، لۇخانسك ۋە دونېتسك رايونلىرىنى قوشۇۋېلىش قارارنامەسىنى ئىمزالىغانلىقىغا قارشى نارازىلىقلار داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ياپونىيەدىن رۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى كەلدى.

1889990
ياپونىيەمۇ رۇسىيەگە ئېمبارگو دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى موسكۋانىڭ ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى قوشۇۋېلىشىغا چېتىشلىق 81 كىشى ۋە توققۇز ئورگاننىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قارارىنى تەستىقلىدى.

قارارنىڭ، تۆت رايوننى قوشۇۋېلىشىغا چېتىشلىق بولغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ھەمدە ھەربىي ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە كابېنتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سېيجى كىخارا رۇسىيەنىڭ «رېفېراندۇم» ۋە «بىرلىشىش» دەپ نام بەرگەن ھەرىكەتلەرنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكگە، شۇنداقلا خەلقئارا قاۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن رۇسىيە پۇقراسى ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلاتقان، ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلغان ياپونىيە، رۇسىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى قەدەم-باسقۇچلۇق ھالدا توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ياپونىيە يەنە، ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلارغا ئىشىكىنى ئاچقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر