نىگېرىيەدە كېمە چۆكۈپ كېتىپ 26 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە قوراللىق ھۇجۇملاردىن قاچقان كىشىلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 26 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1889793
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زامفارا ئۆلكىسىدە، قوراللىق گۇرۇھ ئەزالىرىدىن قاچقان كىشىلەر ئولتۇرغان كېمە، بۇككۇيۇم رايونى ئەتراپىدا چۆكۈپ كېتىپ، 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، زامفارا ئۆلكىسى، ئۇدا 5 يىلدىن بۇيان چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فۇلانىلەر بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەرنىڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولماقتا ئىكەن.
نىگېرىيە ھۆكۈمىتى، قوراللىق گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.