زېلېنىسكى بايراقتارغا شەرەپ ئوردېنى بەردى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرىي يېرماك باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىىكى ئۆزدەمىر بايراكتار مىللىي تېخنولوگىيە گۇرۇھى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
1887560
![زېلېنىسكى بايراقتارغا شەرەپ ئوردېنى بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e499/3585/ec53/633a8b1288a2c.jpg?time=1722046153)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقار گۇرۇھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرىي يېرماك، بايكار تېخنولوگىيە گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى سەلچۇق بايراكتارغا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى تەرىپىدىن لايىق كۆرۈلگەن دۆلەتلىك شەرەپ ئوردېنىنى تەقدىم قىلغان.
بايكار گۇرۇھى باش دىرېكتورى خالۇك بايراكتار ئاندرىي يېرماك باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە، شىركەت تەرىپىدىن مىللىي ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە شەكىلدە لايىھەلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان سىستېملار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.