رۇسىيە دوستانە بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ترانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشىنى چەكلىدى
موسكۋا ھۆكۈمىتى، دوستانە بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تاشيول ترانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشىنى چەكلىدى.
1887320
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن پەرمان چۈشۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن دوستانە بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تاشيول تىرانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ رۇسىيە زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھەر خىل يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىمىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، رۇسىيە تاشيول ترانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ ياۋروپا زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشىگە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇشنى قارار قىلغانىدى.