«پولىتىكو» ژۇرنىلى ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك غەلىبىسىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ۋاسىتىچى رولى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك غەلىبىسى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

1887312
«پولىتىكو» ژۇرنىلى ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك غەلىبىسىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا چىقىدىغان «پولىتىكو» ژۇرنىلى ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىك غەلىبىسى توغرىسىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاشلىق كارىدورى ئېچىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىملىرىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساسەن ئۆزگەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماقالىدە، تۈركىيەنىڭ يەنىلا مۇرەسسەچىلىك ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىدىن باشقا، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ سايىسىدا ھاسىل قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان ماقالىدە، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەن ئوچۇق لىنىيەنى ساقلاپ قالماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنىڭ ئازادلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا – قايتا تەكىتلىمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئورناتقان دىپلوماتىك ئالاقىسى نەتىجىسىدە 200 ئۇرۇش ئەسىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارادېڭىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بىخەتەر يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان «ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى» 22-ئىيۇل ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، تۈركىيە، ب د ت، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر