گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىسىتىرى ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى

گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنې لامبرېيچت ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى.

1887314
گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىسىتىرى ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، لامبرېيچتنىڭ تۈنۈگۈن ئۇكرائىناغا بېرىپ مەنسەپدىشى ئولېكسىي رېزنىكوف بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈردى.

گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لامبرېيچت ئودېسسادا بايانات بېرىپ، گېرمانىيەنىڭ بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن «IRIS-T» تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

گېرمانىيە تەمىنلىگەن «گېپارد» تىپلىق ئايروپىلانغا قارشى تانكىلارنىمۇ كۆزدىن كەچۈرگەن لامبرېيچت، بۇ تانكىلارنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى قوغداش ۋە رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، گىرېتسىيە بىلەن سىلوۋاكىيەنىڭمۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تانكىلارنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «گېرمانىيەمۇ گىرېتسىيە بىلەن سلوۋاكىيەدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشقا ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

لامبرېيچت، ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇڭا ھاۋا مۇداپىئەسىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا تېزدىن قوبۇل قىلىنىش ئىلتىماسىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەزى شەرتلەرنىڭ ھازىرلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە، ناتونىڭ ئۇرۇشتا تەرەپ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتىلەپ: «ئىختىلاپنىڭ بېشىدا بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇ ۋە بىز بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر