شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىزغا ئىككى دانە قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1887128
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى ئىككى قېتىملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش قىلمىشى بىلەن، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە تۆت قېتىم «قۇتراتقۇلۇق» قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابى، شىمالىي كورېيەنىڭ سۇنان رايونىدىن شۇ يەر ۋاقتى 06:45 دىن 07:03 مىنۇت ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى قېتىم بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېنىقلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ يېڭى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى كوريېە يېرىم ئارىلىنىڭلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مۇھىم ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 29-سېنتەبىردە شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزى (شەرقىي دېڭىز) تەرەپكە ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەنىڭ ئۈچ تەرەپ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر