رۇسىيە خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنىڭ ئاتالمىش مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنادا بېسىۋېلىنغان خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنىڭ ئاتالمىش مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان قارارنامەنى ئىمزالىدى.

1886646
رۇسىيە خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنىڭ ئاتالمىش مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى
Vladimir Putin_imza_fərman.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا بېسىۋېلىنغان خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنىڭ ئاتالمىش مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان قارارنامەنى تەستىقلىشى بىلەن، رۇسىيە مەزكۇر رايونلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بولدى.

ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاتالمىش دونېتسك ۋە لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى بېسىۋالغان خېرسون ھەمدە زاپورىژيا رايونلىرىدا 23-سېنتەبىردىن 27-سېنتەبىرگىچە رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ مەزكۇر رايونلارنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ئۈچۈن بۈگۈن (2022-يىلى 30-سېنتەبىر) مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە دونېتسك ۋە لۇخانسك رايونلىرىدىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامدىكى مۇستەقىللىقىنى 21-فېۋرال (2022) ئېتىراپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر