زېلېنىسكى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان ۋىدېئولۇق باياناتىدا ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1886420
زېلېنىسكى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، خەلقىمىزنى رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتىم. تۈركىيەدىكى ئازوۋستالدىن كەلگەن قوماندانلار پات يېقىندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلەيدۇ. بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»

زېلېنىسكى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، مۇداپىئە ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، 24 – فېۋرال كۈنى باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت ئىشلەش نەتىجىسىدە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر