ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يەنە مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پىيېر (Karine Jean-Pierre) ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى خىمارس (HIMARS) ناملىق راكېتا ئاتار سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق يېڭى قورال-ياراغ ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

1886203
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يەنە مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پىيېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يەنە 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ ۋە ئۈسكۈنە ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئۇكرائىنا ھازىرغا قەدەر ئۇرۇش مەيدانىدا ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ كەلگەن 18 دانەخىمارس راكېتا ئاتار سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، بۇ يۈرۈشلۈك ياردەم پىلانىدا يۈزلىگەن برونېۋىك، رادار سىستېمىسى ۋە ئۇچقۇلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم ئۈستىدە توختىلىپ، مەزكۇر رېفېراندۇملارنى «ساختا» دېدى.

ئۇ بۇ رېفېراندۇملارنىڭ رۇسىيەنىڭ «سېنارىيەلىرى» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ رېفېراندۇملار سۈنئىي ۋە كونترول قىلىنغان. ئۇكرائىنا پۇقرالىرى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا بېلەت تاشلىدى. بىز قوراللىق دائىرىلەرنىڭ بېلەت تاشلاش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇكرائىنالىقلارغا بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە كوچىدىكى كىشىلەرنى بېلەت تاشلاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان سىنلارنى كۆردۇق. بۇلار ئاتالمىش رېفېراندۇملار بولۇپ، رۇسىيەنىڭ يوليورۇقىنى ئاڭلايدىغان ۋە قورچاق ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان خاتا رېفېراندۇمدۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رېفېراندۇملارنىڭ نەتىجىسى نەچچە ئاي ئىلگىرى كرېمىل سارىيى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. كرېمىل سارىيى نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى يالغانچىلىقنى ئۇيدۇرۇپ چىقاردى. ئەمما، دەل ئەكسىچە، بىز ئۇكرائىنالىقلارنىڭ بۇنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇكرائىنا خەلقى مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.»

ئۇ ئاخىرىدا، رۇسىيەنىڭ مەزكۇر رېفېراندۇملاردىنئۇكرائىنانى «قوشۇۋېلىش ئۈچۈن» پايدىلىنىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز ھېچقاچان قانۇنسىز قوشۇۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى ھەرگىز قوللىمايمىز. رۇسىيەنىڭ دەۋالىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ رايونلار ئۇكرائىنا زېمىنىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر