ئامېرىكا ئىراننىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئىراننىڭ ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە يۈزلەنگەن بىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1886079
ئامېرىكا ئىراننىڭ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئىراننىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىغان قىلغان ھۇجۇمى ۋە ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14.10 دا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۈچلىرى ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە يۈزلەنگەن ئىرانغا ئائىت تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى. دەرۋەقە، بۇ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنىدى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، باياناتتا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمى ئەيىبلەندى، ھەمدە بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ئىران، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كومېلې، ئى ك پ د، PAK  تەشكىلاتلىرىغا ئائىت قارارگاھلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانىدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى سامان بەرزەنجى، ئىراننىڭ ھۇجۇمىدا 7 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 24 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر