ناتو: ئۇل-ئەسلىھەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا كەسكىن جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھالقىلىق ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا قايتۇرۇلىدىغان جاۋابنىڭ كەسكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1886416
ناتو: ئۇل-ئەسلىھەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا كەسكىن جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ناتو «1-شىمالىي ئېقىم» ۋە «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنياسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى «بۇزغۇنچىلىق سېلىش» نىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھالقىلىق ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا قايتۇرۇلىدىغان جاۋابنىڭ كەسكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناتونىڭ قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان «شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى»، تۇرۇبا لىنيەسىدىكى گاز سىزىشىنىڭ زىيىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ، بۇ باياناتقا قېتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بالتىق دېڭىزىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى «1-شىمالىي ئېقىم» ۋە «2-شىمالىي ئېقىم» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنيەسىنىڭ بۇزۇلۇشى، كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە مۇنۇلار بايان قىلىندى:

«ھازىر قولىمىزدىكى بارلىق ئۇچۇرلار، قەستەن ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گاز سىزىش دېڭىز ۋە مۇھىتقا ئېغىر زىيان سالىدۇ. بىز بۇزغۇنچىلىقنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قوللايمىز. ئىتتىپاقداشلارنىڭھالقىلىق ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا كەسكىن جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر