خىتاينىڭ ئۈچ پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

خىتاينىڭ ئۈچ دانە قوغداش پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1885542
خىتاينىڭ ئۈچ پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دېڭىز ساھىلى خەۋپسزلىك قىسمى بۇ يىل (2022) 27-قېتىملىق دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىش دەپ خاتىرىلەنگەن ھەرىكەتنىڭ، شۇ يەر ۋاقتى 03:15 ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشچە، ياپونىيەنىڭ چارلاش پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە ئەگىشىۋالغان خىتاي پاراخوتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭغا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتىنى «ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ۋە پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن ياپونىيە كابېنتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى يوشىخىكو ئىسوزاكى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە داۋاملىق تىنچ ۋە قەتئىي ئىرادەنى نامايان قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭنىڭ بۇ قېتىمقى چېگراغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ، ياپونىيە-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بولغان 29-سېنتەبىردىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى يۈز بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

شەرقىي دېڭىزغا جايلاشقان سېنكاكۇ ئارىلى ياپونىيەنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، خىتاي بىلەن تەيۋەنمۇ ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزكۇر ئاراللار، چېگراغا خىلاپلىق قىلىش خەۋەرلىرى بىلەن دائىم كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر