پاكىستاندىكى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان شىددەتلىك يامغۇردا قازا قىلغانلار سانى 1638 گە يەتتى

پاكىستاندا 14 – ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇردا قازا قىلغانلار سانى 1638 گە يەتتى.

1884598
پاكىستاندىكى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان شىددەتلىك يامغۇردا قازا قىلغانلار سانى 1638 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 14-ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن 588 نەپىرى كىچىك بالا، 332 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 1638 ئادەم قازا قىلغان، 12 مىڭ 865 ئادەم يارىلانغان، 2 مىليون 49 مىڭ 482 ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە 824 مىڭ 169 ى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپەت جەريانىدا جەمئىي 13 مىڭ 74 كىلومېتىر يول، 392 كۆۋرۈك ۋەيران بولغان، بىر مىليون 103 مىڭ 800 دېھقانچىلىق ھايۋانلىرى تالاپەتكە ئۇچرىغان، 33 مىليون 400 مىڭ ئادەم يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر