ناتو خىتاينى رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ رۇسىيەگە قارىتا تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىشقا چاقىردى.

1883502
ناتو خىتاينى رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئەسناسىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ۋاڭ يىنى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ رۇسىيەگە قارىتا تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىشقا چاقىردىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر