ئېممانۇئېل ماكرون خەلقئارانى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئەڭ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خەلقئارانى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئەڭ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

1883169
ئېممانۇئېل ماكرون خەلقئارانى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئەڭ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېممانۇئېل ماكرون نيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلدى.

ماكرون مۇخبىرلارنىڭ پۇتىننىڭ قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئۇقتۇرۇشى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئەلۋەتتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ يېقىنقى سائەتلەردە قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى ئېلان قىلىشنى تاللىشىغا، دۆلىتىنى ۋە دۆلىتىنىڭ ياشلىرىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشىگە ئەپسۇسلاندىم» دېدى.

24 - فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا قارىتا ئۆزىنىڭ ھىندىستاندىن كېيىن خىتايدىمۇ ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون: «رۇسىيە بارغانسىرى يالغۇزلاشماقتا. ئەمدىلىكتە رۇسىيەنىڭ تاللىغان يولىنى ھېچكىشى چۈشەنمەيدۇ» دېدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى پۇتىنغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

«پۇتىن ئۇرۇش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى» دېگەن ماكرون، بۇنىڭ روسىيە، رۇسىيە خەلقى ۋە رۇسىيە ياشلىرى ئۈچۈن شۇم خەۋەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن دۆلەت قاناللىرىدا تارقىتىلغان خىتابنامىسىدا، قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان  قىلغانلىقىنى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا (يادرو قوراللىرىنى ئىما قىلغان ھالدا) قولىدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشلىتىشتىن ئىككىلەنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر