ياۋروپا: سەپەرۋەرلىك ئېلانى، پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قىسمەن سەپەرۋەرلىك قارارىنى «رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى» دەپ باھا بەردى.

1882845
ياۋروپا: سەپەرۋەرلىك ئېلانى، پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىلىرىدىن بىرى پېتېر ستانو رۇسىيەدىكى قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلانى ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 20-سېنتەبىر) ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىك، لۇخانسك ۋە خېرسوندا رۇسىيەگە قوشۇلۇش رېفېراندۇم قارارى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «سەپەرۋەرلىك قارارى پۇتىننىڭ ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقى توغرىسدا خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ئېنىق سىگنالى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇتىننىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما كىرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىندى» دېدى.

ئۇ پۇتىننىڭ ئۆز دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ۋاسىتىلەرنى سىنايدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا: «پۇتىن يادرو قىمار ئويناۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ياكى يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىدا قورال ئىشلىتىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنداق قىىلشنىڭ رايونغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۇتىنغا تېخىمۇ ئېغىر بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئېرىك مامېر «رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا: «بۇ توغرىدا مۇزاكىرەلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. نەتىجە چىققۇچە بۇ توغرىدا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئېرىك مامېر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ھېچكىمنىڭ ئۇ رايونلارنى «رۇسىيە زېمىنى» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىكى دونېتسىك ۋە لۇخانسك ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ​​خەلق كېڭەشلىرى بىلەن، رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن خېرسوندىكى ئاتالمىش ​​ھۆكۈمەت، تۈنۈگۈن (20-سېنتەبىر) 23-سېنتەبىردىن 27-سېنتەبىرگىچە ھەر ئىككى رايوننىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قېتىلىشى ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بۈگۈن (2022-يىلى 21-سېنتەبىر) ئەتىگەن قىسمەن سەپەرۋەرلىكنى ئېلان قىلىپ، 300 مىڭ زاپاس ئەسكەرنى ۋەزىپە ئۆتەشكە چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر