نىگېرىيەدە بىر چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 45 كىشى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئۆلكىسىدە بىر چېركاۋغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 45 كىشى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى.

1882659
نىگېرىيەدە بىر چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 45 كىشى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كادۇنا خەلق بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئاۋېمى مايسامىرى يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، موتسىكلىتلىق ۋە قوراللىق كىشىلەرنىڭ كادۇنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كاجۇرۇ رايونىدىكى بىر چېركاۋغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مايسامارى ھۇجۇمدا چېركاۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن 45 كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مايسامارى قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

نىگېرىيە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ موتسىكلىتلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۆپەيتىشى سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئۆلكىلەردە موتسىكلىت ئىشلىتىش چەكلەنگەن ئىدى.

نىگېرىيەدە گەرچە گۆرۈگە ئادەم تۇتۇپ كېتىشنىڭ جازاسى ئۆلۈم بولسىمۇ، ئەمما تۆلەم ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىش ھادىسلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.

نىگېرىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، قوراللىق ئۇنسۇرلارغا تۆلەم تۆلەشمۇ مەنئىي قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر