ياپونىيەدە نەنمادول تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 1 كىشى قازا قىلىپ، 70 كە يېقىن كىشى يارىلاندى

ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن نەنمادول تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 1 كىشى قازا قىلىپ، 70 كە يېقىن كىشى يارىلاندى.

1881627
ياپونىيەدە نەنمادول تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 1 كىشى قازا قىلىپ، 70 كە يېقىن كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى رايوندىكى 4 مىليون 200 مىڭ ئائىلە ۋە تەخمىنەن 9 مىليون كىشىنى تارقاقلاشتۇرۇش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

تەيفېڭ بورىنى ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن مىيازاكى ئۆلكىسىدە 1 كىشى قازا قىلدى. كيۇشۇ، شىكوكۇ ۋە چۇگوكۇ رايونىدا يارىلانغانلارنىڭ سانى 70 كە يېتىپ، تارقاقلاشتۇرۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى.

نەندامول تەيفېڭ بورىنىنىڭ كيۇشۇنىڭ شىمالىغا يۈزلەنگەنلىكى، پايتەخت توكيونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ قۇرۇقلۇق خونشۇغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باش مىنىستىر كىشىدا فۇمىئو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكاغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىر كۈن كېچىكتۈردى ۋە ئاممىدىن ئازراق خەتەر كۆرۈنگەن ھامان دەرھال تارقاقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدا پاناھلىنىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر