شى جىنپىڭ سەمەرقەنتتە ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جىنپىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

1880654
شى جىنپىڭ سەمەرقەنتتە ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جىنپىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ «ئىككى دۆلەتنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتلىرىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە بىر – بىرىگە ئۆزئارا كۈچلۈك ياردەم بېرىشكە تەييار» ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

پۇتىن بىلەن شى 24 – فېۋرال باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا يۈزتۇرانە كۆرۈشتى؛ بۇ ئىككىسى 2-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «چەكسىز دوستلۇق» نى تەكىتلىگەنىدى.

پۇتىن ئۆزبېكىستاندىكى يېپىق ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، «بىز ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ يانداشلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى ئەيىبلەيمىز» دېگەنىدى.

شى جىنپىڭ، ئىككى دۆلەتنى بىر - بىرىنى كۈچلۈك قوللاشقا چاقىرىپ: «خىتاي، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتلىرىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە بىر – بىرىگە كۈچلۈك ھەمدەم بولۇشى ئۈچۈن، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار» دېدى.

ئۇ يەنە، سودا، دېھقانچىلىق، قاتناش ۋە ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان ھازىرقىدەك شارائىتتا خىتاي، چوڭ كۈچلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن قالايمىقانچىلىقلارنى تۈگىتىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بەرپا كۈچ بېغىشلاش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر