چىلى بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ساداقەت مەكتۇپى كىرىزىسى يۈز بەردى
چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىس ئىسرائىلىيەنىڭ سانتىياگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گىل ئارتزېلىنىڭ ساداقەت مەكتۇپىنى تەقدىم قىلىشى ئۈچۈن ئالدىن پىلانلانغان ئۇچرىشىشىنى كېچىكتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلىدا تارقىتىش بېرىدىغان Ex-Ante خەۋەرلەر تورى، پەلەستىن مەسىلىسىنى قوللىشى بىلەن تونۇلغان پىرېزىدېنت بورىسنىڭ ئىيۇل ئېيىدا تەيىنلەنگەن ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسى ئارتزېلىنىڭ ساداقەت مەكتۇپىنى تاپشۇرۇشى ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋاقتىنى باشقا بىر كۈنگە كېچىكتۈرگەنىدى.
يۇقىرى دەرىجىلىك مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋەردە، ئارتزېل ساداقەت مەكتۇپىنى تاپشۇرىدىغان ئۇچرىشىشقا ئازلا قالغاندا يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلۈشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى رايونلاردا پەلەستىنلىك بىر ياشنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ ياتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
چىلى ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئۆكتەبىرنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدە ساداقەت مەكتۇپىنى چىلى پىرېزىدېنتى بورىسقا تاپشۇرۇپ بېرىشى پىلانلانماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.