ب د ت: ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى كۈنلەردە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان سۈركىلىشنى ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1880699
ب د ت: ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش» تېمىلىق يىغىنىدا، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمى ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مىروسلاۋ جېنكا، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى كۈنى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان دەۋالىرىنى ئىسپاتلاش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمما، بىز بۇ خەتەرلىك سۈركىلىشنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن، جۈملىدىن، بۇنىڭ پۇقرالارغا بولغان تەسىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، تەرەپلەرنى جىددىي ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە چاقىرىمىز.»

بۇ ھەپتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ، رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش خاراكتېرلىك يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنىڭ ناھايىتى روشەن ھالدا ئىسپاتلانغانلىقىنى قەيت قىلغان جېنكا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت جىددىيچىلىكنى ئازايتىش ئارقىلىق كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىدە چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 12 – سېنتەبىر كېچىسى ۋە 13 – سېنتەبىر ئەتىگەن تەرەپلەردە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان چېگرا لىنىيەسىنىڭ داسكەسەن، كەلبەجەر، لاچىن ۋە زەنگىلان يۆنىلىشتىلىرىدە كەڭ دائىرىلىك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

مىنىستىرلىق، توقۇنۇشلاردا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ 71 ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بولسا، توقۇنۇشلاردا 105 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر