ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولىرىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتىلغان خۇسۇسىي ئېمبارگولىرىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشىنىڭ يازما باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا مەسئۇل كىشىلەرگە قارىتىلغان چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ مۇددىتىنىڭ 2023 - يىلى 15 - مارتقىچە ئۇزارتىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ پۇقرالارغا ۋە پۇقراۋىي ئۇل ئەسلىھەلەرگە قاراتقان قالايمىقان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ھەمدە رۇسىيەنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان چېگرا ئىچىدىكى بارلىق ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئۇكرائىنا زېمىنىدىن دەرھال ، شەرتسىز چېكىندۈرۈشكە چاقىرىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.
جەمئىي 1206 كىشى ۋە 108 تەشكىلاتقا قارىتىلغان تەدبىرلەر، شەخسلەرگە ئۈچۈن ساياھەت چەكلىمىسى، مال - مۈلۈكىنى توڭلىتىش ۋە تىزىملىكتىكى شەخس ياكى ئورۇنلارغا مەبلەغ ياكى باشقا ئىقتىسادىي فوندلارنىڭ ئايرىلىشىنى توشۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگو قارارىنى، ئەڭ دەسلەپ 2014 - يىلى قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋالغاندىن كېيىن ماقۇللىغان ئىدى.
رۇسىيە قىسىملىرى 24 - فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.