ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ بىر ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە، زېلېنسكىينىڭ يەڭگىل يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1880206
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ باياناتچىسى سېرگېي نىكىفوروۋ فەيسبۇكتا بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت كىيېۋدە زېلېنسكىي ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ باشقا ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ ئاپتوموبىلىغا سوقۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ يارىلانغان شوپۇرىنى زېلېنسكىيغا ھەمراھ بولغان سەھىيە خادىملىرى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پىرېزىدېنت زېلېنسكىينىڭ ئېغىر يارىلانمىغانلىقىنى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر