ئابدۇللاھىيان ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1880358
ئابدۇللاھىيان ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ،  تېھراننىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى جاڭ مىڭ بىلەن  كۆرۈشۈپ، ئىراننىڭ تەشكىلاتقا تولۇق ئەزا بولغانلىقى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىىنى ئۇقتۇردى.

ئەمىر ئابدۇللاھىيان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ، ئېنېرگىيەدىن ئىقتىساد ۋە سودىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق» دېدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1996-يىلى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ۋەكىللىرى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، چېگرا رايونلىرىدىكى ھەربىي ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىشى بىلەن قۇرۇلغانىدى.

ئۆزبېكىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تەشكىلاتنىڭ تولۇق ئەزا سانى سەككىزگە يەتكەنىدى. 2005 – يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە قاتناشقان ئىراننىڭ تولۇق ئەزالىق مۇساپىسى 2021 - يىلى 9 - ئايدا باشلانغانىدى.

تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىيالوگ شېرىكى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر