ناتو باش كاتىپى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى فاتىھ بىرول بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1880458
ناتو باش كاتىپى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى فاتىھ بىرول بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازارلىرىنى مونوپول قىلىۋېلىشى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى، رۇسىيەگە بولغان ئېنېرگىيە بېقىندىچىلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن بولغان كۈچلۈك ھەمكارلىقتىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر