رۇسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى خاركىۋ شەھەر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ خىل راكېتامىيوت قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى خاركىۋ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمدا 1 كىشى قازا قىلىپ، 2 كىشى يارىلاندى.

1878387
رۇسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى خاركىۋ شەھەر مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاركىۋ شەھەر مەركىزىدە ئاخشام ۋاختىدا 5 ئايرىم پارتىلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. رۇسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن شەھەرگە ئېتىلغان راكېتامىيۇتلار 5 ئۆيگە چۈشتى.

ھۇجۇمدا 2 ئۆيدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 3 ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى. ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئەتراپنى قويۇق ئىس – تۈتەك قاپلىدى. رايونغا نۇرغۇن ساندا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە ساقچى ئەترىتى ئەۋەتىلدى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئوت ئۆچۈرۈۋېلىندى. ھۇجۇملار سەۋەبىدىن خاركىۋنىڭ مەركىزىدە كەچتە پات پات گۈدۈك ئاۋازى ياڭراپ تۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خاركىۋ شەھەر باشلىقى ئىخور تېرېخوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بەرگەن باياناتىدا، ھۇجۇمدا 1 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 3 ئۆينىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە چېگراسىدىن تەخمىنەن 45 كىلومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان ۋە پايتەخت كىيېۋدىن قالسىلا ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېسبلىنىدىغان خاركىۋ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ پات پات باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتا ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

ھۇجۇم سەۋەبىدىن خاركىۋ نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ شەھەردىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر